خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا سېپىنى تاللىدى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە ئۇزاققىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان خىتاينىڭ كىم تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، سۈرەتلەر خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى شىددەتلىك داۋام قىلماقتا. تەخمىنەن بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتا غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى ناھايىتى كۆپ ئوق-دورا ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

مۇداپىئە سانائىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي رېجىمى ئۇرۇش توغرىسىدا ئۇزاققىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سۈرەتلەر خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئورنى ئېنىقلانمىغان بۇ سۈرەتتە دىئامېتىرى 152 مىللىمېتىر كېلىدىغان، خىتايدا ئىشلەنگەن Type-66 تىپلىق ئوق كۆرسىتىلگەن. 2018-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى يېزىلغان ئوقنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئوچۇق مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى تەرەپلەر ھەر كۈنى تەخمىنەن 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە زەمبىرەك ئوقى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 30-20 مىڭ زەمبىرەك ئوقىنىڭ تەخمىنەن %60 تىن %70 كىچە رۇسىيە ئارمىيەسى ئىشلىتىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرى بولمىغان ئۇكرائىناغا سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەر زەمبىرەك ئوقلىرىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىگە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر خىتايدا ئىشلەنگەن ئوق-دورا رۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە باشلىغان بولسا، گەرچە تېخى جەزملەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال رۇسىيەنىڭ ئوق-دورا زاپىسىنىڭ ئازايغانلىقىنىڭ، مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، دەپ يەكۈن چىقارغىلى بولىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1091 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2023 00:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق