خىتاي يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خۇسۇسەن ياپونىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ياپونىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» نامىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ياپونىيەلىكلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.
خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 21-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە ئاتالمىش «ياپونىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» نامىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنى تۇرپان، كورلا، كۇچار قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.
خىتاي بۇ جەرياندا ساياھەتچىلەرنى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەز ئېتىزى، ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى، ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىق ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەردە ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ماشىنىلاشقان يېزا ئىگىلىك مەشغۇلاتىدىن ھەيران قالغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.
خىتاي مەزكۇر زىيارەتنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ، كۆز بوياشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاتالمىش زىيارەت ئۆمىكى ئىچىدىكى بىر ياپونىيەلىك ساياھەتچى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە جۆيلۈپ: «بۇ قېتىمقى سەپەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن پاكىتلارنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن» دېگەن. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ساياھەتچىلەرنىۇ بۇنىڭدەك سۆزلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ