شىۋېتسىيەدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسەتچىلەر ھەپتىلىكى شىۋېتسىيەنىڭ گوتلاند ئارىلىدا باشلانغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىلىشقا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر سىياسەتچىلەر ھەپتىلىكىگە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسەتچىلەر، شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، شىۋېتسىيە ۋە خەلقئارادىكى زۆرۈر مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم مۇنبەر بولۇپ قالغان.
نىجات تۇرغان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا سىياسەتچىلەر، پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
28-ئىيۇن مەزكۇر سىياسەتچىلەر ھەپتىلىكى مۇنبىرىدە خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدىكى مائارىپ سىستېمىسىغا، خۇسۇسەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بۇ تەسىرلەرنىڭ شىۋېتسىيەگە قانداق پۇرسەت ۋە تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەنگەن. ئۇندىن باشقا شىۋېتسىيە ھەربىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئورۇنلاشتۇرغان لېكسىيەدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى شىۋېتسىيە بازىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ھالقىلىق ساھەدىكى شىۋېتسىيە شىركەتلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ساھەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىدىن باشقا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە بارغانسېرى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان يۇمشاق كۈچى ئىزچىل دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. جۈملىدىن خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىنى تارقىتىش نامىدا ئېچىلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ھېسابسىز مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان تەشۋىقات قورالى ئىكەنلىكى بارا-بارا ئاشكارىلانماقتا ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى سەگەكلەشتۈرمەكتە. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىپ، تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى خەلقئارالىق مۇنبەرلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
نىجات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسەتچىلەر ھەپتىلىكى مۇنبىرىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزى بولۇۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىمۇ ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بىرى بولغان بولۇپ، شۇ كۈنى مۇتەخەسسىسلەر يەنە «شىۋېتسىيەنىڭ ياۋروپا مۇداپىئە سىستېمىدىكى رولى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم