ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ خىتاينى چەكلەشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا ھىندىستاننى يېنىغا تارتىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى چەكلەشنى پىلانلىماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراخوتلارنىڭ خەتەرلىك دوقۇرۇشۇپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىرىسلىرى يەنىمۇ كۈچەيگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، بىخەتەرلىكنى كونترول قىلىش مېخانىزمى ھەققىدە ئىزدىگەندىن كېيىن، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنى ئامېرىكىدا كۈتۈۋالغان. ئىككى تەرەپ مۇداپىئە ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تاراتقۇلىرى ۋاشىنگتوننىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمكارلىقنى جىددىي كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايوندا ھەربىي ساھەدە رۇسىيەنىڭ تەسىرىنى چەكلىشىنى، ئىقتىسادىي ساھەدە خىتاينىڭ تەسىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىمىلىك ئۇسۇلنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ۋە كورىيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئولنى كۈتۈۋالغان. كورىيە پىرېزىدېنتى 100 كىشىلىك سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ۋېيتنامدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان. ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتى كورېيە بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمىنى 2030-يىلغا بارغاندا 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش ئىكەن.

خىتاي-كورىيە مۇناسىۋىتىدىكى داۋالغۇش بولسا داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپ پۇقرالار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان زىددىيەتلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە كورىيە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ رايوندا خىتاي تەسىرىنى يوقىتىش پىلانىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 940 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2023 01:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق