CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، فىرانسىز سۇئارېس 28-ئىيۇن بىر رادىيو قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رىياسەتچى ئۇنىڭدىن: «سىز كېيىنكى پائالىيەتلىرىڭىزدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلامسىز؟» دەپ سورىغان. ئۇ: «نېمە؟» دېگەن. رىياسەتچى: «ئۇيغۇرلار» دەپ قايتىلىغاندىن كېيىن، سۇئارېس: «ئۇيغۇر دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغان. ئۇ پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ بۇ ھەيران قالارلىق جاۋابى CNN، فوكس، NBC، كۈندىلىك پوچتا گېزىتى، فوربېس، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئارقىمۇئارقا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ دەرھال بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
سۇئارېس شۇ كۈنى CNN غا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئالاقىدار زىيارەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن ئوبدان خەۋىرى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى سەۋەبلىك قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئالاقىدار رادىيو زىيارىتىدە رىياسەتچىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم