ئالدىنقى بەش ئايدا قورغاس تاشيول، تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.8 ئاشقان بولۇپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن تۈرلۈك جازا، بېسىملاردىن ئەگىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى بەش ئايدا قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلغان-باشقۇرغان تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 543 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت يۈك توشۇش مىقدارى 19 مىڭ توننا، ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 524 مىڭ توننا بولغان. نازارەت قىلغان-باشقۇرغان تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 4 مىليون 132 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت يۈك توشۇش مىقدارى 2 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.9 ئاشقان؛ ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 2 مىليون 32 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان.
قورغاس تاموژنىسىدىن ئۆتىدىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئىككى تۈردىكى تاۋارلارنىڭ ئېكسپورت سودا سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.8، %8.2 ئاشقان.
قورغاس تاموژنىسى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر يول، بىر بەلباغ» تۈرىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە توشۇلماقتا.
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللاپ ئەمەلىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشى ياكى ئەمەلىي تەدبىر قوللانماسلىقى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى سودا ھەرىكەتلىرىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم