خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى ئەرز قىلىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ فېنتايل ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى بىر نەچچە شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىر نەچچە خىتاي شىركىتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىسى - فېنتايلىغا مۇناسىۋەتلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي نارازىلىق سۆزىدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 23-ئىيۇن خىتاينىڭ تۆت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ۋە سەككىز خىتاي پۇقراسى ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى فېنتايل ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش مەسىلىسىدە خىتايغا تۆھمەت قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە قانۇنسىز جازا بەرگەنلىكى ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 847 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2023 22:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق