خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش، ئۇلارنىڭ قاتناش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە كۆپەيتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندا يەتتە قىزىق لىنىيەنى يېڭىدىن ئېچىپ ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارماق لىنىيەلىرىگە ئايروپىلان ماڭغۇزۇشنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ غۇلجا-قاناس، غۇلجا-ئاقسۇ، غۇلجا-قەشقەر ھەم تۇرپان-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى، 10-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-يىنچۇەن-نەنتۇڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى پىلانلىغان، غۇلجا-ئالتاي، غۇلجا-يەكەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بولسا نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى ئارىسىدىكى قاتناشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرماقچى بولغان.

خىتاي رېجىمى بىر تەرەپتىن زور تەشۋىقات كۈچىنى سەرپ قىلىش، تۈرلۈك قاتناش لىنىيەلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ، زور مىقداردا ئىقتىسادىي كىرىم ياراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ يىللىق ئاتالمىش «تاڭزۇڭزا چاغىنى» مەزگىلىدىلا شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچى 5 مىليون 108 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 57.68 ئاشقان، ساياھەت كىرىمى بولسا 4 مىليارد 574 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1682 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2023 22:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق