پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان ۋاگنېر ھەربىي ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە، رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ياللانما ئارمىيەسى ۋاگنېر پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىشىغا زور تەھدىت پەيدا قىلغان بىر پەيتتە، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي رۇدېنكونىڭ خىتايغا بېرىپ، خىتاي بىلەن خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن دۆلەت ئىچىدە قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، رۇسىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى بېيجىڭغا بارغان. رۇدېنكو يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
رۇدېنكونىڭ بېيجىڭغا قاچان بارغانلىقى ياكى رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاينى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان-قىلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ