خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان قورچاق ئەمەلدارلاردىن تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئالماشتۇرۇشى كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 25-ئىيۇن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 3-يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش قارارلىرى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر يىغىندا جوۋ شۈيۇڭ (周旭勇) ئىسىملىك خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇندىن ئىلگىرىكى باش كاتىپ بولسا قورچاق ئەمەلدار ياسىن سىدىق بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن ۋە 31-ماي باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغانىدى.
يىغىندا يەنە مەتتۇرسۇن تۇردىمەمەت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ چيۇلى ئىسىملىك خىتاي ئايال ئالماشتۇرۇلغان.
ئۇندىن باشقا قورچاق ئەمەلدار پەرھات روزى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بېرى ئاتالمىش «ئاپتونومىيە تۈزۈمى» ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىش، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە سادىق بولغان بىر تۈركۈم قورچاق ئەمەلدارلارنى ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، مەزكۇر قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى يوقلۇقى ھەممىگە ئايان بىر ئەھۋال بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاخىرىدا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىش قاتارلىق تەقدىرگە دۇچار بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ماس ھالدا، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بولۇپ، ئەسلىدىنلا ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ نىسبىتىنى تېخىمۇ ئازايتىشقا، ئەمىلىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشكە، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي خىتايلار بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم