لىۋىيەنىڭ تىرىپولىدىكى يەرلىك دائىرىلەر 22-ئىيۇن لىۋىيەنىڭ غەربىدە مەخپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان شىفىرلىق پۇل قېزىش مەركىزىنى بىت-چىت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھەرىكەتتە 50 خىتاي قولغا ئېلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە تەپتىش ئەمەلدارى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ پايتەختنىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئاختۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ 50 خىتاينىڭ «ياردىمى»دە زور مىقداردىكى ماتېرىيال مەنبەسىنى سەرپ قىلىپ، شىفىرلىق پۇل قېزىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىرىپولى تەپتىش مەھكىمىسى فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىگەن بىر سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھېچقانداق دېرىزىسى بولمىغان، سانائەتتە ئىشلىتىدىغان شامالدۇرغۇچلار ئورنىتىلغان بىر ئورۇندىن زور مىقداردا كومپيۇتېر ۋە قاتتىق دېتاللار بايقالغان. تەپتىش مەھكىمىسى پورت شەھىرى مىسراتادا يەنە بىر قانۇنسىز مەخپىي شىفىرلىق پۇل قېزىش مەركىزىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى ئون خىتاي پۇقراسى باشقۇرىدىكەن.
خىتايلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە شىفىرلىق پۇل قېزىش، شىفىرلىق پۇل ئالدامچىلىقى قاتارلىق قىلمىشلىرى يىللاردىن بېرى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ