رۇسىيەدىكى ۋاگنېر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى پىرىگوجىن بېلارۇسىيەنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-ئىيۇن كەچتە ۋاگنېر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى پىرىگوجىن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكونىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىش ھەمدە يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن پىرىگوجىننىڭ بېلارۇسىيەگە بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى 24-ئىيۇن كەچتە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنت ئاخبارات تارمىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پۇتىن لۇكاشېنكوغا رۇسىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئۇقتۇرغان. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلغان. لۇكاشېنكو ئارقىدىن پىرىگوجىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت ئاخىرىدا «رۇسىيە زېمىنىدا قان تۆكمەسلىك» ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە پايدىلىق ھەم قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى شەكىللەنگەن ۋە ۋاگنېر قوراللىق ئەسكەرلىرىگە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلگەن.
بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرىگوجىنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ۋاگنېر قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى ھەمدە گازارمىلىرىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرىگوجىن بۇ ھەقتە: «مەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزماسلىق ئۈچۈن موسكوۋا يۆنىلىشىنى توختىتىپ، گازارمىلىرىمىزغا قايتتۇق» دېگەن.
رۇسىيە پىرېزىدېنتنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 24-ئىيۇن كەچتە تاراتقۇلارغا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنە زىيان كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مۇقىملاشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 24-ئىيۇندىكى توپىلاڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېقىندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلار پۇتىننىڭ ۋاگنېرنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەھبىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى كەچۈرمەيدىغانلىقى، كېيىنكى باسقۇچلاردا ئۇلارنىڭ بىرمۇبىر يوقىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ پەقەتلا تاكتىكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ