ھىندىستان خىتايغا قارشى ۋىيېتنامنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ۋىيېتنامغا قوغدىغۇچى پاراخوت ئىئانە قىلىشنى پىلانلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان يېقىندا ۋىيېتنام دېڭىز ئارمىيەسىگە ھىندىستاندا ياسالغان قوغدىغۇچى پاراخوت ئىئانە قىلىپ، خانوينىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا خىتاينىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت رايوندىكى شېرىكلىرى ئارقىلىق ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى خىتاينىڭ دېڭىزدىكى كۈلرەڭ رايون ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا قىيىن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرىكىتىگە ئارتۇقچە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
19-ئىيۇن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى بىلەن ۋىيېتنام دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال فان ۋان گاڭ يېڭى دېھلىدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھىندىستان ھىندىستاندا ئىشلەنگەن ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئابىدە سۈپىتىدە، ۋىيېتنام خەلق دېڭىز ئارمىيەسى نىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىئانە يېڭى دېھلى بىلەن خانوي ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ يېڭى سىگنالى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان بىلەن ۋىيېتنامنىڭ خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى بار بولۇپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيەسى 2020-يىلى چېگرادا توقۇنۇشقان. شۇندىن بىرى گەرچە ئىككى تەرەپ 10 قېتىمدىن ئارتۇق ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك پەسەيمىگەن. ۋىيېتنام ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ ئىلمىي تەتقىقات پاراخوتىنىڭ ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان، ئەمما خىتاي مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە نورمال پائالىيەت قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ