پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 24-ئىيۇن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى ۋە بىر تۈركۈم تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، پەلەستىن ھۆكۈمىتى رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بايانلىرىغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىندى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى، تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكى، پەلەستىن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور نەۋۋاف تەكرۇرىي ۋە تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكى رەئىسى ئىرفان تاتلىئوغلى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
ئورتاق باياناتتا پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي زىيارىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا يان بېسىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى «تېررورلۇق، رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى، ئورتاق باياناتقا ئىشتىراك قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا پەلەستىننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 22-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، مەھمۇد ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئەگەر بۇ راست بولغان تەقدىردە، مەھمۇد ئابباسنىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇمغا ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى، ئەكسىچە ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىدىن پەلەستىن خەلقىگە ھېچقانداق ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مول بايلىققا كۆز تىكىپ، قەرز تۇزىقى دېگەندەك ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەيتىۋاتقان كېڭەيمىچلىك ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كۆپ زۇلۇم، مۇقىمسىزلىق ۋە ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا مەھمۇد ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سەپسەتىلىرىگە كەسكىن سۆزلەر بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باھچەلىگە ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر قاراۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىغا، جۈملىدىن ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى كۈرشاد زورلۇغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك مۇنبەرلەردە، يىغىلىش، نامايىشلاردا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەنىدى. مەھمۇد ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى بايانلىرىدىن كېيىن، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور نەۋۋاف تەكرۇرىي بۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرۇپ، مەھمۇد ئابباسنىڭ سۆزلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پەلەستىن خەلقىنىڭ مەزلۇمغا قارشى زالىم بىلەن بىر سەپتە تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.