ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

 

22-، 23-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ بىلەن فىلورىيەدە ئۇيغۇر يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

22-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2022-2023-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاق دېڭىز زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «شانلىق تۈركىيە» ناملىق ناخشا بىلەن باشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، يەسلى مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش خانىم سۆز قىلدى ۋە بىر يىللىق ئوقۇتۇش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

ئارقىدىن ھەرقايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرىدىن گۈزەل خىلمۇخىل نومۇرلىرىنى ۋە چۈچۈك تىلى بىلەن ئوقۇغان قۇرئان تىلاۋەتلىرىنى سەھنىدىكى ئاتا-ئانىلىرىغا ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلارغا تەقدىم قىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.  

مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ گۈل تەقدىم قىلىشتى ۋە ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىندى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى تارقىتىپ بەردى.  

ئاخىرىدا ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، دىنى، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا بىلەن مۇراسىم ئاخىرلاشتى.

ئەتسىلا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قارمىقىدىكى سەفاكۆيگە جايلاشقان يەسلى 23-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ فىلورىيە ئاتاتۈرك ئورمانلىقىدا 2022-2023-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم  سۆز قىلىپ، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە جاپا چېكىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىكى رولىنى ھەمدە ئۇنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئانا-ئانىلارنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىكى رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئانىنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بالىلار تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى مۇدىرى رەنا ئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم داۋامىدا ئىسلام ئەقىدىسى، «ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان» ناملىق شېئىرلار ۋە قوشاقلارنى ئوقۇپ، ھەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇراسىمدا ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ گۈل تەقدىم قىلدى. شۇنداقلا قۇرئاننى ئوقۇپ تاماملىغان بالىلارغا تاج كىيدۈرۈلۈپ، مېدال تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. ئۇندىن باشقا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا باشلىغان ۋە ئۇيغۇر تىلى ساۋاتىنى چىقارغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا بايراق چۈشۈرۈلگەن مېداليون، قىزلارغا تاج كىيدۈرۈلدى ۋە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى تارقىتىلدى. ئاخىرىدا مۇراسىم ئوپچە دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.,

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1266 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2023 20:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق