تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ئارقىلىق خىتاي ئۈستىدىن ب د ت غا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىستېمىلىق جازا لاگېرىغا قاماش قىلمىشى ھەققىدە ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئەرزنى ب د ت نىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى گۇرۇپپىسى» تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشى ھەققىدە قارار چىقارغان.
چىقىرىلغان قاراردا «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىندى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىق بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، خىتاينى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 2-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتە ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىن ب د ت نىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى گۇرۇپپىسى» دېلوغا قاراپ چىققان ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغىمۇ پۇرسەت بېرىلگەن بولۇپ، بارلىق تەرەپتىن قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن تەمىنلەنگەن پاكىتلارغا ئاساسەن قارار چىقارغان.
بۇ ھەقتە ئىستانبۇلنىڭ زېيتىنبۇرنۇ رايونى كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان ئادۋۇكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ب د ت قارارىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ سۆزىدە ب د ت بۇ ھەقتە قارار چىقارغان ئىكەن، لاگېرلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇ قارارغا ئاساسلىنىپ لاگېرلارنى قايتا تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى، خىتاي جىنايى قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى گۇرۇپپىسى» نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباي قاتارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى «ب د ت خىتابنامىسى» نىڭ 3-، 6-، 7- ۋە 9-تارماق ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ئۈچ شەخسنىڭ ئەيىبلىشى ۋە سوتلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ھەممىدىن مۇھىمى خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى بولغانلىقى، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ 2-ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ