خىتاي ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتى»نى يەنە تەكىتلىدى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورغا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»، «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» دېگەن ناملار بىلەن قىرغىن قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي رېجىمى 21-ئىيۇن 2023-يىللىق 1-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، بۇ جىنايەتلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» 2023-يىللىق 1-قېتىملىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا خۇلاسىلەپ: «2022–يىلى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى بويىچە دېلو بېجىرىشتە ئىلگىرىلەش بولدى، قاتتىق زەربە بېرىش كۈچلۈك بولۇپ، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېيىلگەن.

خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىن ئاخىرىدا قاتتىق زەربە بېرىشكە يەنە بۇيرۇق بېرىپ: «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىكىدە زەربە بېرىش، چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، ئاساسنى سۈرۈشتۈرۈپ مەنبەدىن يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش، دېلو بېجىرىش، "قارا كۈنلۈك" "قارا بايلىق"قا چىڭ قادىلىپ، چوڭقۇر زەربە بېرىش، ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك» دېگەندەك ئىبارىلەرنى تەكىتلىگەن.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل ناملار  بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولسا، ئامېرىكىدىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» قاتارلىق تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ قىرغىن قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خىل ناملار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى» نىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن، باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1707 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2023 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق