ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 21-ئىيۇن ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان «تەيۋەن 21-ئەسىر سودا تەشەببۇسى كېلىشىمى»نى ماقۇللىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تەيۋەن 21-ئەسىر سودا تەشەببۇسى كېلىشىمى» نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم 1-ئىيۇن ئىمزالانغان. «21-ئەسىر سودا تەشەببۇس كېلىشىمى» ۋاشىنگتون بىلەن تەيبېي ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا كونتروللۇقىنى ماسلاشتۇرۇش، بىر قاتار ئۆلچەملەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارشى چىقىپ، «ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن رەسمىي بولمىغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ۋەدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بايانىدا، خىتاي بىلەن تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى بار ھەرقانداق دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىپادىلەيدىغان رەسمىي كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە ئامېرىكا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ، كېلىشىمدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى، تەيۋەن مۇستەقىللىق بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەيۋەندىكى ئىنستىتۇت ئارقىلىق تەيۋەن بىلەن غەيرىي رەسمىي ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. 1-ئىيۇن ئامېرىكىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋەكىلى تەيبېي ئىشخانىسى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى دەل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان كېلىشىم ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ