خىتاي رېجىمى بېيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھېيت قارى ئوسماننى يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇق تورى ئاخبارات مەركىزىنىڭ 20-ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ھېيت قارى ئوسماننى ئەرەب تىلى ئۆگەتكەنلىكى سەۋەبلىك، يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ھېيت قارى ئوسمان خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئايالى ئەمىنخان ئاۋۇت بىلەن بېيجىڭدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2017-يىلى بېيجىڭدىكى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە يازلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەن. ھېيت قارى ئوسمان يازلىق تەتىلنى يۇرتىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ بېرىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنغان. كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت بەلگىلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك، مەسچىتلەرگە كىرمەسلىك ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق كاپالەتنامىسى»گە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئاخىرىدا كەلپىن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى دىنغا چېتىشلىق جىنايەت بىلەن، يەنى ئاتالمىش «دىنىي ئېتىقاد كاپالەتنامىسى»گە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىش جىنايىتى بىلەن مەخپىي ھالدا سوت قىلىپ، يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ھېيت قارى ئوسمان 80-يىللىرى كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ