ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا كۆپ خىل ساھەدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئالەم بوشلۇقى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئامېرىكىنىڭ «ھىندى-تىنچ ئوكيان تەشەببۇسى»غا قاتنىشىش، تېخنىكا ۋە ھەربىي ھەمكارلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى 21-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئاقساراي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئۆز كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئالەم بوشلۇقى، پاكىز ئېنېرگىيە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئىدراك، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى، ھەربىي ساھەدە تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى 21-ئىيۇن كەچتە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مودىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئالەم چارلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى، ناسا بىلەن ھىندىستان ئالەم تەتقىقات ئورگىنى ھەمكارلىشىپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تۈرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىنى تۈزۈپ، ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى، 2024-يىلى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرى ھىندىستاندا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكولوگىيە سىستېمىسى قۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى،  مىكرو تېخنىكا شىركىتى ھىندىستان دۆلەتلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ گۇرۇھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى، بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ھىندىستانغا جەمئىي 2 مىليارد 750 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قوراشتۇرۇش ۋە سىناق قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئىيۇن ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى مودىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى خىتايغا قارىتىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىككى دۆلەت ئېلان قىلغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە نۆۋەتتە خەلقئاردا ئۆزىنى ماختاپ كۆز-كۆز قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا كەلگۈسىدە ھىندىستاننىڭ ئادەملىك ئالەمگە چىقىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 804 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2023 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق