بىلىنكېن G7 ۋەكىللىرى بىلەن خىتايغا قارشى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن لوندوندا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايغا قارشى سىياسىتىدە بىرلىككە كېلىشنى، ماسلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ (G7) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-ئىيۇن G7 گۇرۇھى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاي مەسىلىسىدە زىچ ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇپ چىقىش يىغىنى ھارپىسىدا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارغا يېقىندا قىلغان خىتاي زىيارىتى ۋە شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەلۇم ساھەدىكى سودا شېرىكى شۇنداقلا ئىقتىسادىي رىقابەتچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي سىياسىتىنى قايتىدىن يولغا قويۇشنى پىلانلىغان ھەمدە بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى مەيدانى بارغانسېرى بىرلىككە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەستىن، خەتەردىن ساقلىنىشقا تىرىشىدىكەن.

بىلىنكېن G7 گۇرۇھى رەھبەرلىرى بىلەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە شى جىنپىڭنى «مۇستەبىت» دەپ ئاتاش ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتاي بايدېننىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بايدېننىڭ سۆزى تولىمۇ بىمەنە، ئوچۇق-ئاشكارا سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2023 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق