چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن قېچىشى تېزلەشمەكتە

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبلىك، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن قېچىشى تېزلەشمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسى 21-ئىيۇن تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئاجىز بولۇشى، شۇنداقلا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى كېڭەيتىشى قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، چەت ئەل شىركەتلىرى يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتايغا قارىتا ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك مەبلەغلىرىنى ۋە ئاسىيادىكى باش ئورگانلىرىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈشكە باشلىغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، گەرچە خىتاي رېجىمى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە، جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەت ئەل شىركەتلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بولغان ئۈمىدىنى يوقىتىشقا باشلىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىخەتەرلىك كونتروللۇقى، رىقابەتچىلىرىنى ھۆكۈمەت كۈچى بىلەن قوغداش ۋە ئۇزۇندىن بۇيان ۋەدە قىلىنغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى كېچىكتۈرۈش، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، سودا تەننەرخىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار چەت ئەل شىركەتلىرىنى بىئارام قىلىپلا قالماي، زىيانغا ئۇچراتقان.

خىتايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يېنس ئېسكېلۇند مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرغا: «سودا ساھەسىنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 735 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2023 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق