خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى

شەرقىي تۈركىستانغا تۆت كۈنلۈك «تەكشۈرۈش» ئۈچۈن بارغان خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى داۋاملىق باستۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىپ: «پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى قايتا تەكىتلەپ بىلجىرلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ 14-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستاننى «تەكشۈرگەن».

چېن ۋېنچىڭ بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باستۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بېرىپ: «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەت قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغان. خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن ۋېنچىڭ تۆت كۈن جەريانىدا ئۈرۈمچى، خوتەن، كورلا ۋە قۇرۇمقاش قاتارلىق جايلاردىكى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنى تەكشۈرگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىنىۋاتقان، سانسىزلىغان كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى قايناق بازارلار چۆلدەرەپ قالغان بۈگۈنكى مەزگىلدىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا زەربە بېرىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىلمۇ ئىلگىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالمىغان ياكى ئۆز ۋاقتىدا بىر مەزگىل تۈرمە ياكى لاگېرغا قامىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىمۇ قايتا تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1402 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2023 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق