ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى كۈچەيتىلمەكتە

خىتاي ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانلىرى ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىلماقتا.

يېقىندا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنى تۈرلۈك ئېلان-تەشۋىقاتلار بىلەن داۋاملىق كۈچەيتكەن. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسۇدىكى بىر لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئېلانىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «چۆچياۋخۈي ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مەقسىتىدە، بويتاق ئۇيغۇر قىزلارنى قىزغىن تەكلىپ قىلىمىز، ئەگەر خەنزۇلار بىلەن ئارىلىشىپ توي قىلىشنى خالايدىغانلار ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرساڭلار بولىدۇ. توي قىلمىغان ياكى ئاجرىشىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر شەرتكە ئۇيغۇر كېلىدىغانلار بولسا، تونۇشتۇرۇپ قويسا بولىدۇ. تونۇشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن نەق پۇل، قىزىل بولاق ئارقىلىق تەقدىرلەيمىز».

بۇندىن بۇرۇن تارقالغان سىنلىق مەلۇماتلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە سولىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. شۇنداقلا خىتايلار بىلەن توي قىلغانلارغا زور مىقداردا پۇل، ئۆي، خىزمەت قاتارلىقلار ۋەدە قىلىنغان سىنلارمۇ كۆپلەپ تارقالغانىدى. نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1493 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2023 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق