ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2-ئايدا ئامېرىكا ئاسمىنىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن خىتاي جاسۇسلۇق شارىنى تىلغا ئېلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ شارنى ئېتىپ چۈشۈرگىنىمىزدە قاتتىق بىئارام بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ شارنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى ئىدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەسلىك مۇستەبىتلەر ئۈچۈن بىر نومۇستۇر» دېدى.
س ن ن نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن كالىفورنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مۇستەبىت» ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان.
ئۇ 2-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ھەققىدە توختىلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرى قاچىلانغان شارنى ئېتىپ تاشلىغىنىمدا قاتتىق بىئارام بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. مۇستەبىتلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىسە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر نومۇستۇر. (شار) ئالياسكاغا، ئاندىن ئامېرىكىغا ئۇچۇرۇلدى، ئەمما ئۇ بۇنى بىلمەيتتى. شار ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندە بولسا ناھايىتى خىجىل بولدى، ھەتتا ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلدى» دېگەن.
بايدېن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، شى جىنپىڭ ھازىر قايتا مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولغان بىر ۋەزىيەتتە. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئانتونىي بىلىنكېن ئۇ يەرگە باردى ۋە ياخشى نەتىجە ياراتتى» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.
بايدېن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر