قاسىمجان ئاتلاننىڭ كەچۈرمىشلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يارقىن يورۇتۇپ بەردى

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان ئامېرىكا ئاۋازى 20-ئىيۇن «ۋەھىمىدىن ئەركىنلىككىچە: بىر ئۇيغۇرنىڭ سەپىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغان بولۇپ، تونۇلغان مائارىپچى، ژۇرنالىست قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى يورۇتۇپ بېرىلدى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىگەن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان «ئاسىم كاشگارىيان» ئىسمى بىلەن خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىقلار نۇقتىلارغا مەركەزلىشىپ، «ئامېرىكا ئاۋازى»دا خىزمەت قىلىۋاتقان قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ چاڭگىلىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىققانلىقى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ئاۋازىدا باشقا ئىسىم بىلەن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. 20-ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە قاسىمجاننىڭ ھاياتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان خەلق باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر، باستۇرۇشلار ئىنتايىن يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

فىلىم ئاخىرىدا قاسىمجان مارتىن لۇتېر كېڭنىڭ مەشھۇر سۆزىنى تەكرارلاپ، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭ ئىسمىم قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەر» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1546 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2023 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق