ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى تەسىس قىلىشنى قوللاشقا چاقىردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي بىلەن ھىندىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى تەسس قىلىش خىزمىتىنى قوللاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 19-ئىيۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستاندا ئىشخانا ئېچىش پىلانىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاشقا چاقىرغان.

ۋولكېر تۈرك يەنە خىتاي ۋە ھىندىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بولۇشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقىنىڭ 95 دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورنى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ ياكى يېڭى دېھلى ۋولكېر تۈركنىڭ بۇ ھەقتىكى پىلان ۋە تەكلىپىگە قارىتا ھازىرچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. شۇنداقتىمۇ خىتايدا ئىشخانا قۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، سابىق ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت 2022-يىلى خىتاي زىيارىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا خىتاي رېجىمى بىلەن كۆپ يىل سۆھبەتلەشكەن.

ۋولكېر تۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خامچوتىنىڭ ھازىرقىدىن بىر قاتلىنىپ يەر شارىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. گەرچە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ب د ت نىڭ تۆت تۈرلۈك ئاساسىي خىزمەتىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئىشلىتىدىغان ئومۇمىي خامچوت ب د ت چىقىمىنىڭ ئاران %4 نى ئىگىلەيدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرى تىنچلىق ساقلاش، ئىنسانىيەت، يەر شارى ۋە تەرەققىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە تەيىنلەنگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك ئۈچۈنمۇ ئەڭ كۈچلۈك خىرسلارنىڭ بىرى ئىكەن.

سابىق ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەنىدى ۋە خىتاي رېجىمى ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك مىشېل باچېلېت دوكلاتنى ئېلان قىلىش كۈنىنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگە توغرىلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 657 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2023 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق