خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كىنو ۋاسىتىسى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئۇسسۇلغا سېلىپ، خۇشال-خۇرام كۆرسىتىش ئارقىلىق پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن خىتاي رېجىمى يېقىندا يەنە ئۇيغۇر بالىلار رول ئالغان «توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق كىنو ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن فىرانسىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئېرىك كانتونا باش رول ئالغان «توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق كىنونىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى 11-ئىيۇن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي رېجىمى ئالدامچىلىقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىش ئۈچۈن، كىنو كۆرۈش پائالىيىتىگە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرنىمۇ قاتناشتۇرغان.

«توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق كىنوغا فىرانسىيەلىك رېژىسسور ستېۋ ۋېيز رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ سابىق داڭلىق چولپىنى ئېرىك كانتونا، چۈ جىڭجىڭ، ھۇشيار ئەكبەر، چېن بەيشياڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان، جياڭ ۋېنلى، مىلۇتىنوۋىچ قاتارلىقلار ئالاھىدە رول ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق پۇتبولچى ئېرىك كانتونانىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا ماسلىشىپ رول ئېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

فىلىمدە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى كانتونانىڭ كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن خىتاي كەسپىي بىرلەشمىسى شاڭخەي كوماندىسىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقى، بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە جۇغلانما نومۇردا 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شاڭخەي كوماندىسى مۇددەتتىن بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، رەت تەرتىپتە ئەڭ كەينىدە تۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ» كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقانلىقى، مۇسابىقىدىكى كېلىشمەسلىكلەردىن كېيىن، كانتونا بىر يېزىلىق ئۇيغۇر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقى، شۇنداق قىلىپ مانچېستېر بىرلەشمىسى پۇتبول چولپىنى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ پۇتبول تىرېنېرى بولۇپ قالغانلىقى، كانتونا كەنتتە ئاق كۆڭۈل كەنت ئاھالىلىرى ۋە بىر توپ پۇتبول تالانتى بار بالىلار بىلەن تونۇشقانلىقى، كىچىككىنە كەنتتە قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسى يەتتە كىشىلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا غەلىبە قىلىپ، خەلقئارادىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى «توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق مەزكۇر كىنونىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا ئىنتىلىشىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ قىممەتلىك ۋاقتىنى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئەسلىمىسىنى ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئىشلەنگەنلىكىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، بۇ توقۇلما ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى» نامىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بالىلار لاگېرىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرلىرىدا ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىپ، خىتاي قىلىپ تەربىيەلەش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2023 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق