خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ياپونىيە ساقچى تەرەپنىڭ يېقىندا بىر خىتاي تەتقىقاتچىنى قولغا ئالغانلىقى مەلۇم، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ياپونىيەگە بۇ مەسىلىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيەدىكى تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن 59 ياشلىق خىتاي تەتقىقاتچى 2018-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە دۆلەتلىك سانائەت، پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا تەۋە ئېلخەت ساندۇقىدىن مۇھىم تېخنىكىلىق ئۇچۇرنى خىتايدىكى بىر شىركەتكە يوللىغان. ياپونىيە تەرەپ مەزكۇر خىتاي تەتقىقاتچىنى تېخنىكىلىق ئۇچۇر ئوغرىلاش قىلمىشى سەۋەبلىك قولغا ئالغان.
خىتاي باياناتچىسى ماۋنىڭ سۆزىدە يەنە ياپونىيەدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش، بازار ئىگىلىكى ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى، خىتاي-ياپونىيە پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ