خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىشى ھەققىدىكى ئىسپاتلار كۆپەيمەكتە

ئامېرىكىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىش جىنايىتىنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولغان.

زىمىستان تورىنىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇنى» نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي مەھبۇسلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى زەربە بېرىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش داۋالاش جەمئىيىتى يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى يىغىۋېلىش جىنايى قىلمىشى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

يېڭى جېرسىي ئىشتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كىرىس سىمىس سۇنغان «خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئورگانلارنى يىغىۋېلىش قىلمىشىغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش قانۇن لايىھەسى» 413 ئاۋازنىڭ قوللىشى ئىككى ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللانغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە چېتىلغان شەخس ۋە ئورگانلارغا قارشى ئەمەلىي جازا تەدبىرى قوللىنىش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن. مەزكۇر قانۇن ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان ئورگان يىغىۋېلىش مەسىلىسى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى باشلانغان بولۇپ، شۇندىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىش قىلمىشى ئەۋج ئالغان. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى سەۋەبلىك، خىتاي بۇ ھەقتە 2015-يىلى ئىچكى ئەزا يىغلىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئەمما ئەنگلىيە تىببىي كېڭىشى داۋالاش ئەخلاق كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش ئوبيېكتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىلگىرىكى قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا خىتاي خەلقئارادىكى تەنقىدلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتلارنى قىسقارتقان. نۆۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مىلياردلاپ دوللارغا ئېرىشمەكتىكەن. شۇنداقلا خىتايدا ئىچكى ئەزا كۆرچۈرمەكچى بولغانلار بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە ساقلاش ئارقىلىقلا مەقسىتىگە يېتىدىغان بولۇپ، خىتاي يىلىغا 90 مىڭ قېتىم ئەزا كۆچۈرىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە پاش بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا ئالتە ئاي ئىچىدە ئۈچ ئوغۇل بالىنىڭ بەدىنىگە U شەكىللىك داغ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋالغانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2023 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق