بىلىنكېن شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتايغا قىلغان تارىخىي زىيارىتى دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولماقتا ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. 

 

 

 CBSقانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدار بولۇپ قالغان ئانتونى بىلىنكېن ئىككى كۈنلۈك رەسمىي خىتاي زىيارىتى جەريانىدا 18-ئىيۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىدىن-جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي جىددىيلىككىچە، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك رىقابەتتىن-كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بىلىنكېن 19-ئىيۇن يەنە خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشكە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭمۇ قاتناشقان. بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شى جىنپىڭ-بىلىنكېن ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا «خىتاي مەيدانىنى ئېلان قىلدى، ھەر ئىككى تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن 2022-يىلى بالىدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكىنى ئىجرا قىلىشنى قوبۇل قىلدى» دېيىلگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەت ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن يىرىكلەشكەن مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن خىتايغا كەسكىن سۆز قىلمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خىتاي زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك بېيجىڭدىكى «بېيجىڭ-ئامېرىكا مەركىزى»دە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايغا ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ھېلىھەم چوڭقۇر ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

 

بۇ خەۋەر 627 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2023 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق