خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى سىياسىي كونترول قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ بىلجىرلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ئالدىن پاناھلىق بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ قانۇن لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىدىن قۇتۇلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىككىنچى دەرىجىلىك (P2) پاناھلىق بېرىلىدىغان ئوبيېكت قىلىپ بېكىتىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئىككىنچى دەرىجىلىك پاناھلىق بېرىلىدىغان ئوبيېكت قىلىپ بېكىتىلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش ئىلتىماسى تېز سۈرئەتتە تەستىقلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، دىپلوماتىك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
بۇ قانۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ سىياسىي كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ ئامېرىكا ئاۋازىغا يوللىغان ئېلخەتتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى رەت قىلغان.
ليۇ پېڭيۈ مەكتۇپىدا بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كونا سەپسەتىسىنى قايتا تەكرارلاپ: «ئامېرىكا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يامان غەرەزدە تۆھمەت قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ