لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاۋازى نورۋېگىيەدە ياڭرىدى

 13-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تونۇلغان شەخسلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسەت، سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار جەم بولغان 2023-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە فىرانسىيەدىكى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار خىتاينىڭ دەھشەتلىك جىنايەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە شاھىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن ۋە شاھىت بولغان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ ئىككى مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، مەجبۇرى ئەمگەك جىنايەتلىرى ۋە دىنىي چەكلىمىلەر ۋە ئىككى لاگېر شاھىتى ھەققىدە قىسقىچە سىن بىلەن باشلانغان ۋە 16 مىنۇت داۋام قىلغان مەزكۇر لېكسىيەدە سۆزلەنگەن تەسىرلىك مەزمۇنلار ۋە خىتاينىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز جىنايەتلىرى سۆزلىگۈچى شاھىتلارنىلا ئەمەس، پۈتۈن سورۇندىكىلەرنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلتۈردى.

ئىككىيلەن سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايغا قارشى قوللاشقا چاقىرىپ سەھنىدىن ئايرىلدى.

مەزكۇر مۇنبەردە يەنە ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجىنىڭ يېقىندا ئىنگلىزچە نەشردىن چىققان «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ناملىق كىتابىمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 679 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2023 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق