خىتاي بىلەن ۋىيېتنامنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى

خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ۋىيېتنامغا تەۋە نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىق رايونىدىن دائىملىق كېسىپ ئۆتۈشى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىك كۈچەيمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ۋىيېتنامنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا پاراخوت ئەۋەتكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ كۆپەيگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى جىددىيچىلىك كۈچەيگەن.

بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان خىتاي پاراخوتى رايونغا بېسىپ كىرىپ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ پاراخوتلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي پاراخوتلىرى ۋىيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سەزگۈر رايونلاردىن بىمالال ئۆتۈشكە باشلىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەكشۈرگۈچى پاراخوتلىرى، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە پۇقراۋىي پاراخوتلارنىڭ ۋىيېتنام باشقۇرۇشىدىكى رايوندا پەيدا بولۇشى، ۋىيېتنامنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تىجارىتىگە پاراكەندىچىلىك سالغاندىن باشقا، خىتاينىڭ مول بايلىققا ئىگە دېڭىز رايونىدا زېمىن دەۋاسى قىلىش ۋە تالاش-تارتىش پەيدا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خانوي خىتاينىڭ «توققۇز سىزىقلىق لىنىيەسى» نامىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى رەت قىلغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر ئىگىلىك ھوقۇق دەۋا خەرىتىسى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇق ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خو چىمىن شەھىرىدىكى بىر كىشى بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئۆزىنى كۈچلۈك دەپ قارىغاچقا بۇ دەۋانى قىلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە خىتاي ئۆز قىلمىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا شەرقىي دېڭىزنىڭ ھەرقانداق يېرىگە بېسىپ كىرىش ھوقۇقى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 517 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2023 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق