خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردە يەسلى يېشىدىكى بالىلارنى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتمەكتە.
ۋاڭ يى تورىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساسىي قۇرۇلۇش بۆلۈمى خىتاينىڭ زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىپ يەسلى يېشىدىكى بالىلارنى يىغىۋالىدىغان ئورۇنلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، غۇلجا شەھىرىدىكى بۇ يەسلىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە جەمئىي 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن 450 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە غۇلجا شەھەرلىك 30 ـ يەسلىمۇ خېرىدار چاقىرىشنى تاماملىغانلىقىنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ قۇرۇلۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى جىڭسى يولى، ۋېيۋۇ يولى يەسلىسىدە قۇرۇلۇش باشلانغان. بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرغان. خىتاي رېجىمى بۇ تۈرگە 190 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولغان بەش شەھەردە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىن 11 نى يېڭىدىن قۇرۇپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىدىن 4000 نى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.
ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى قاتارلىق رايونلاردا يېڭىدىن يەسلى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىدىن 1080 نى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرەققىيات ـ پىلان بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گېڭ جيې بۇ تۈرلەر ھەققىدىكى پىلانلىرىنى ئاشكارىلاپ، پىلان بويىچە 6 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا ھەرقايسى تۈرلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئوخشاشلا سانجى شەھىرى، كورلا شەھىرى خىتاي رېجىمى باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان. ھازىرغىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 11 يەسلى تۈرىنىڭ ھەممىسىگە ئورۇن تاللاش تاماملىنىپ، ئۈچ ئورۇندا ئىش باشلانغان. قالغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن.
ئىلگىرى خىتاي رېجىمى ھەرقايسى شەھەر رايونلاردىكى بىكار قالغان ھۆكۈمەت بىنالىرى، تاقىۋېتىلگەن مەسچىت قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى سولاپ، «يەسلى» نامىدا بالىلار لاگېرى قىلغانىدى. خىتاي بۇ قىلمىشلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش مەقسىتىدە بالىلار لاگېرلىرىغا ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىدا سۆزلەشنى چەكلەپ، تولۇق تىلىمۇ چىقىپ بولالمىغان نارىسىدە بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلاپ تەربىيلىمەكتە ۋە ئۇلارنى ئۆز تىلىدىن ۋە مىللىي كىملىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، ئاسسىملاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ۋە نۆۋەتتە خىتاي بۇ خىلدىكى يەسلىلەرنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ