خىتاي چەت ئەل بىلەن ئالاقىلىشىشنى چەكلەش ھەققىدە يەنە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى  بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چەكلەپ كەلگەنىدى. خىتاي رېجىمى يېقىندا بۇ جىنايىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، خەلقنى يانفونلارنىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى تەشۋىقات سۇپىلىرىدا تارقالغان سىنلىق ئۇقتۇرۇشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەل بىلەن ئالاقە قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلەشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىدە، خەلقنى يانفونلىرىنىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تاقاش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.

ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا: «يانفونىڭىزدا "00" ياكى "+" دىن باشلانغان چەت ئەلدىكى يانفون ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشىدىن ھوشيار بولۇڭ. يانفوننىڭ چېگرا سىرتىدىن كەلگەن قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاقىۋېتىڭ... ئۇندىن باشقا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى كۆچمە خەۋەرلىشىش يۇقىرى چاستوتىلىق پاراكەندىچىلىك تېلېفون مۇداپىئەسىگە دىققەت قىلىپ، خەلقئارا نومۇر بۆلىكىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئاچالايدۇ. بۇنى ئادەملىك مۇلازىمەتكە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا نومۇر بۆلىكىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئېچىشىمۇ بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ماس قەدەمدە، خەلقنى ساقچىغا سىگنال بېرىش ئەپ دېتالىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئەپ دېتاللىرى يانفون ئىگىسىگە چەت ئەلدىن ئۇچۇر كەلگەن ھامان ساقچىغا سىگنال بېرىدىكەن. بۇ خىل كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە يەنە رازى بولمىغان خىتاي رېجىمى خەلقتىن يانفوننىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تاقاش ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان. خىتاينىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ يەنىلا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2151 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2023 11:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق