ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى پارتلاش ئاگاھلاندۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان

ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسى 15-چېسلا ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە «بىخەتەرلىك تەھدىتى» ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى، بازىنىڭ بىخەتەرلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، نورمال مەشغۇلاتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى: «بۇ خىل ۋەقەلەر رېئاللىقتا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بىز بازىدىكى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشىنى سورايمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان 16-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى ئىككى دەرۋازا ۋاقىتلىق تاقالغاندىن باشقا، بازا ئىچىدىكى يوللارمۇ ۋاقىتلىق تاقالغان.

يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 دىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بارلىق دەرۋازا ۋە يوللار ئادەتتىكىگە ئوخشاش قاتناشقا ئېچىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى 29-نويابىر ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئىككى ئاددىي قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى بايقالغان بولۇپ، پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان. ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار بۇ ۋەقەنى چېكىدىن ئاشقان سول قانات گۇرۇھى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2023 09:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق