ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ, خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 15-ئىيۇن يېڭى قارار ماقۇللاپ، «ئالما كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى لى جىيىڭنى (黎智英) دەرھال قويۇپ بېرىشنى ۋە ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قارار پارلامېنتتا كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن بولۇپ، 483 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى، توققۇز ئەزانىڭ قارشى چىقىشى ۋە 42 ئەزانىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن، يۇقىرى ئاۋاز نىسبىتىدە ماقۇللانغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قاراردا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى باشلىقى لى جياچاۋ ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق باشقا ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرىلغان.
ئەنگلىيە پۇقراسى بولغان لى جىيىڭ 1995-يىلى خوڭكوڭدا «ئالما كۈندىلىك گېزىتى»نى قۇرغان بولۇپ، ئىلگىرى خوڭكوڭدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن گېزىتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئەمما بۇ گېزىتخانا 2021-يىلى خىتاي رېجىمى ۋە خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقالغان.
خىتاي رېجىمىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىغا ئۆتكەن خوڭكوڭ دائىرىلىرى 2020-يىلىدىن باشلاپ دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلىدىغان ئالما گېزىتىدىن ئۆچ ئالغان بولۇپ، 75 ياشلىق لى جىيىڭ 2020-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ خوڭكوڭدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىدا «خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى لى جىيىڭنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقلارنى قوللايدىغان بارلىق دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن. قاراردا يەنە خوڭكوڭ دائىرىلىرى بارلىق ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، لى جىيىڭنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مەجبۇرىي تاقىلىشى 2020-يىلدىكى ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە باشقا تۈپ ھوقۇقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ناچارلاشقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. خوڭكوڭ دائىرىلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش باھانىسى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئون نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان. ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»دا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا قارشى سۆز-ھەرىكەتلەر بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، تېررورلۇق ياكى چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن جىنايى قىلمىش دەپ قارالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ