يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سودا نازارىتى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشخانا تەسىس قىلىشىنى تەستىقلىغان.
خىتاي گېزىتى تورىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ سودا دائىرىسى ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش، سودا ۋە سودا مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق خەلقئارالىق سودا كارخانىلىرىنىڭ ئالاقە ۋە خىزمەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر جەمئىيىتى خىتايدىكى سەككىز ئورۇندا ئىشخانا ۋە يەتتە كومىتېت تەسىس قىلغان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» بىخەتەرلىك ئىدارىسى چەت ئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىلىق خىتاي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشخانا تەسىس قىلىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، سودا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا يەنە بىر يېڭى ئالاقە سۇپىسى قوشىدىكەن.
ئامېرىكا خىتاي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر جەمئىيىتى 1996-يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا پايدا ئالمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلات سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە 2000 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئىكەن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ سودا مەبلىغى بار ئىكەن. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى مۇھىت ئاسراش، ئېلېكتىرون، دورىگەرلىك، نېفىت، خىمىيە ۋە ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئاۋىياتسىيە، ماشىنىسازلىق، يېنىك سانائەت، قاتناش، مېتاللورگىيە ۋە باشقا ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ