خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ ناچار ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان ئەندىشىلەر پەيدا بولغان پەيتتە، ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ 18-ئىيۇن خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 16-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ 18-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئانتونى بلىنكېننىڭ 18-ئىيۇن خىتاينى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، خوڭكوڭ نازارەتچىلەر جەمئىيىتى، خوڭكوڭ دېموكراتىك كېڭىشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئەركىن تىبەت جەمئىيىتى ۋە ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق 40 نەچچە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 14-ئىيۇن بىلىنكېنغا بىرلەشمە مەكتۇپ يازغان بولۇپ، مەكتۇپتا ئانتونى بىلىنكېندىن پات يېقىندا قىلماقچى بولغان خىتاي زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.
بىرلەشمە مەكتۇپقا 42 ئاممىۋى تەشكىلات ئىمزا قويغان بولۇپ، مەكتۇپتا ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بولۇپمۇ خوڭكوڭ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ