ئاشكارىلانغان سىنلار خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى داۋراڭ سېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلار خاتىرجەم، بەھۇزۇر، ئەركىن ھالدا ياشاۋاتىدۇ» دېگەن سەپسەتىلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم فەيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبرىلىگەن بىر نەچچە سىن خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتە تەشۋىق قىلىۋاتقان سەپسەتە ۋە ئويدۇرمىلارنىڭ يالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

بۇ سىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا نۆۋەتتە رېجىمى دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى دوغاپچىلارنىڭ قىرغۇ ۋە پىچاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى زەنجىر بىلەن باغلاشقا مەجبۇرلىغان. بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خەتەرلىك تېررورچى ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى بولماقتا. ئۆز جىنايەتلىرىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي رېجىمى تۇغقانلىرى، دوستلىرى ھەمدە يېقىن كىشىلىرىنىڭ خىتاينىڭ قولىدا قىرىلىپ كېتىشىگە چىدىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قولىدىكى پىچاقلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىدىن قورققان. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، قىز-ئاياللارنىڭ قولىدىكى قىرغۇ-پىچاقلارمۇ زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان.

2021-يىلىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر باستۇرۇش، نازارەت ۋە خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىنلار تارقالغانىدى. مەزكۇر سىنلارنىڭ بىر قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان پىچاق، قىڭراق، ھەتتا قايچىلارغا لازېر نۇر بىلەن كىملىك نومۇرى ۋە ئىككىلىك كودى كىرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى، قىڭراقنىڭ مۇقىم بىر ئورۇنغا باغلىۋېتىلىدىغانلىقى، مەيلى دۇكاندا بولسۇن، مەيلى ئۆيدە بولسۇن، بارلىق تىغلىق ئەسۋابلارغا كود بىلەن كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈشنىڭ مەجبۇرىي ئىكەنلىكى، تەلەپ بويىچە كود قويۇلمىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ساقچى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغانىدى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى.

خىتاي بۇ يىلمۇ پىچاق، قىڭراق ھەتتا قايچىلارغا لازېر نۇر بىلەن كىملىك نومۇرى ۋە ئىككىلىك كودى كىرگۈزۈپ ئەنگە ئېلىش، ئاشخانا ۋە دۇكانلاردا ئىشلىتىلىدىغان قىڭراقلارنى مۇقىم بىر ئورۇنغا باغلاشقا مەجبۇرلاشتەك چېكىدىن ئاشقان تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق مەجبۇرىي ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1149 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2023 18:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق