پالاۋ پىرېزىدېنتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي رايونغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

پالاۋ پىرېزىدېنتى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ پالاۋ تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ئىقتىسادىي رايونىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىن رايوننى چارلاشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋ پىرېزىدېنتى سۇرانگېل ۋىپىس توكيودىكى زىيارىتىدە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ يېقىندا پالاۋنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، پالاۋنىڭ بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن بېيجىڭنىڭ تىنچ ئوكياندا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ساھەسىدىكى تالاش-تارتىشىشى كۈچەيگەن بىر پەيتتە، پالاۋ پىرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، پالاۋنىڭ نۆۋەتتىكى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ يېنىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى يوشۇرۇپ، خىتاي پاراخوتىنىڭ دېڭىزدىكى بوراندىن پاناھلىنىش مەقسىتىدە رايونغا كىرگەنلىكىنى، بۇ رايوندا ھېچقانداق دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈشى قىلمىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە: «خىتاي ئىزچىل ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بولۇپمۇ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمىز» دېگەن

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تىنچ ئوكياندا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئۆتكەن يىلى سولومون تاقىم ئارىلى بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 749 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2023 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق