تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە پىلان تۈزۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش لايىھەسىنى ئويلاشقانلىقىغا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، مۇخبىر ۋاڭ ۋېنبىندىن: «نۇرغۇن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات تور بېكىتى "خەۋەرچى گېزىتى" ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسەن، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ بىر چېكىنىش لىنىيەسى، تەيۋەن تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا بۇ ئىشنى ئاشكارىلىمىغان. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىغان.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، لېكىن بىلىدىغىنى ئامېرىكا ئاغزىدا تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە تەيۋەننى شاھمات ئۇرۇقى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تەيۋەننى ۋەيران قىلىش پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ