خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا ساياھەت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئاچتى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي فوتوگرافلار جەمئىيىتىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا ساياھەت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.         

بۇ پائالىيەتنى خىتاي فوتوگرافلار جەمئىيىتى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» فوتوگرافلار جەمئىيىتى، ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» فوتوگرافلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

خىتاي رېجىمى بۇ كۆرگەزمىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، "شىنجاڭ ياخشى جاي" ساياھەت ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك نامايان قىلىش» دېگەندەك مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ بىرى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى يوشۇرۇش بولۇپ، يېقىندىن بېرى خىتاي بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتىنى كېڭەيتمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساياھەت قىلىشقا لايىق گۈزەل رايون ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقات ئارقىلىق جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

يېقىندىن بېرى خىتاي خەلقئارادىكى خىتايپەرەس ھاكىمىيەت ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا كۈچىمەكتە.

خىتاي رېجىمى يەنە 13-ئىيۇن قەشقەردە 2023 ـيىللىق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى» ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە پۈتۈن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 600 مېھماننى كۈتۈۋالغان ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە سېكرىتارى ما شىڭرۈي، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ يىڭچۇەن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1120 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2023 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق