14-ئىيۇن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە بىر قاتار مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى.
ھەيئەت ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەمدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
,ھەيئەت يەنە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان ياردىمى، جۈملىدىن ئىقامەت ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىكى ياردەملىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتتى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يولباشچىسى، مۇستەقىللىق كۈرەش رەھبىرى، مۇجاھىد مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە تۈركىيە نوپۇس ئىشلىرىنىڭ باش مۇدىرى شەفىق ئايگۈل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. شەفىق ئايگۈل ئەپەندى ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىنىشى ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ