شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق مۇھاجىرنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلدى

قازاقىستانغا ياكى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق مۇھاجىر غەيرەت ئەرلەبەگ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىشى نەتىجىسىدە، ئىستانبۇلغا ئامان-ئېسەن كىردى.

غەيرەت ئەرلەبەگ 13-ئىيۇن ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 10 ئەتراپىدا ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا چۈشكەن بولۇپ، ۋىزىسى يوقلۇقى ۋە پاسپورتىنىڭ ئىناۋەتسىز دەپ قارالغانلىقى سەۋەبلىك، تۈركىيە تاموژنا خادىملىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا توختىتىپ قويۇلغانىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، قازاقىستانغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بولغان غەيرەت ئەرلەبەگنىڭ ئىستانبۇلغا ئامان-ئېسەن كىرىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن جىددىي كۆرۈشكەن. نەتىجىدە غەيرەت ئەرلەبەگ زۆرۈر بولغان رەسمىيەتلىرى ھەل قىلىنىپ، ئىستانبۇلغا ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1400 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2023 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق