كانادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ۋەدە بەردى

 كانادا ئەمگەك مىنىستىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى قانۇن چىقىرىپ، كانادانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

كانادا يەرشارى خەۋەرلىرى تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «يەرشارى خەۋەرلىرى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ئەمگەك مىنسىتىرى ۋەدە بەرگەن قانۇننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بۇ قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ كېچىككەنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ كانادادا كەڭ كۆلەمدە سېتىلىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش پىلانىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەمەت توختى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «كانادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىدىغان مەيدانى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن شىركەتلەرنىڭ بىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا سۇپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ توردا پارچە سېتىش سودىگىرى شېين ئىكەن. مەزكۇر شىركەت تۆۋەن باھالىق ماللار ئارقىلىق ياش سېتىۋالغۇچىلارنى نىشانلىغان. بۇ شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ مىلياردلاپ دوللار پايدا ئالغان.

مەمەت توختى ئەپەندى مۇخبىرغا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ: «خىتاي شىركەتلىرى بازاردا سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بولغاچقا، باھاسى ئوخشاش تۈردىكى تاۋارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەرزان» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق