خىتاي ھىندىستاننى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشنى ئۇچرىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12-ئىيۇدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھىندىستانغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان تەرەپنىڭ ھىندىستاندىكى خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە كەمسىتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋىزا مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 2020-يىلى ھىمالايا چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا 24 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى سەۋەبلىك ناچارلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي ھالەتكە كەلگەن.
خىتاي يېقىندا خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىككى ھىندىستانلىق مۇخبىرنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ھىندىستاننىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئىككى خىتاي مۇخبىرىغا قىلغان يولسىزلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ ۋىزا ئۇزارتىشنى رەت قىلغان كىشىنىڭ بىرى «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئالدىنقى يەكشەنبە ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن خىتايدىن ئايرىلغان.
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە ھىندىستان تەرەپنىڭ 2020-يىلدىن باشلاپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ۋىزىسىنى تەستىقلىمىغانلىقىنى، نەتىجىدە ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇخبىرىنىڭ سانى 14 دىن ئاران بىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە ھىندىستاننىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ