13-ئىيۇن ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە 3.6 بال يەر تەۋرىدى.
خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 06:48 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.18 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.80 گىرادۇس) 3.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 18 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ