خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىدا «ئاق قەغەز نامايىشى»غا ئالاقىدار سىننى ھەمبەھرىلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇقنى قوللاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىت بۇلتۇر 12-دېكابىر ئوقۇۋاتقان خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئۆيىگە قايتىپ، ئەتىسى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، كامىلە ۋاھىت شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان. ئەمما ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىغا كامىلە ۋاھىتنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى قوللاش» دېگەن جىنايەت بىلەن 25-مارت قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ئۆتكەن يىلى نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك، خەلق خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ قاتتىق كونترول سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلغانىدى. نامايىش نۇرغۇن شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، كامىلە ۋاھىت نامايىشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
نامايىش بۇلتۇر 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، بىنادىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىشىكىنى تاقىۋېلىشى سەۋەبىدىن ۋە قۇتقۇزۇشنى قەستەن كېچىكتۈرۈشى سەۋەبىدىن، بىنادىن ئايرىلالمىغان 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان خىتايلارمۇ قولغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇلار قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغان. ئەمما مەزكۇر نامايىشتا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار يەنىلا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ۋەھشىي مۇئامىلە قىلىنغان. كامىلە ۋاھىت بۇ قاتتىق مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، گەرچە ئۇ نامايىشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇنىڭ ئۈندىدار ھېسابىدا «ئاق قەغەز نامايىشى»غا ئالاقىدار سىننى ھەمبەھرىلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇقنى قوللاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ